رۇسىيە: ئىدلىب ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1356942
رۇسىيە: ئىدلىب ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ موسكۋادا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا توختىلىپ، «لىدېرلارنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا كونكېرت پىلان يوق. بىراق بۇنى موسكۋا نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ... بىز ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ ئىدلىبتىكى ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 5 تۈرك ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 5 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر