بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبقا قاراتقان ھۇجۇمىنى توختاتمىدى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدا قىلغان ھاۋا بومباردىمانىدا 13 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1357473
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبقا قاراتقان ھۇجۇمىنى توختاتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئايروپىلانلىرى ئىدلىبتىكى تۇرالغۇ رايونلىرىغا قىلىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. رۇسىيە ئايروپىلانلىرى ھەلەب ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھاۋا بومباردىمانىدا ئىدلىب شەھەر مەركىزىدە 12 پۇقرا، كەفەر تەئال يېزىسىدا بىر پۇرا بولۇپ جەمئىي 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

رۇسىيە ئايروپىلانلىرى بۈگۈن (11-فېۋرال) ئەتىگەندىن باشلاپ ھەلەبنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى ئەتارىب ۋە دارەت ئىززە ناھىيە مەركەزلىرى، ئۇرىم كۇبرا بازىرى، كەفەر ھامرا ۋە جىنە يېزىسى بىلەن لەيرەمۇن رايونىنى بومباردىمان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ بومباردىمانىدا، ھازىرچە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى يۈز بېرىپ-بەرمىگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر ئېلىنالمىدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ 2018-يىلى 17-سېنتەبىر ئىمزالانغان سوچى كېلىشىمىدىن بۇيان ئىدلىبقا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 1800 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. 2019-يىلى يانۋاردىن تارتىپ تۈركىيە چېگرالىرىغا كۆچكەنلەرنىڭ سانى 1 مىليون 767 مىڭغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر