ۋۇخەن ۋىرۇسى 2020 – يىللىق خەلقئارا يانفون قۇرۇلتىيىنىڭ بىلىگە تەپتى

ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇملۇق ئاپىتى سەۋەبىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم يانفون تېخنىكا يەرمەنكىسى دەپ بىلىنىدىغان خەلقئارا يانفۇن قۇرۇلتىيى «MWC» غا قاتناشماسلىق قارارى ئالغان شىركەتلەرنىڭ سانى كۈنسىرى ئاشماقتا.

1356358
ۋۇخەن ۋىرۇسى 2020 – يىللىق خەلقئارا يانفون قۇرۇلتىيىنىڭ بىلىگە تەپتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە 24فېۋرالدىن 27فېۋرالغىچە ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان خەلقئارا يانفۇن قۇرۇلتىيى «MWC» غا «LG»، «Ericsson» ۋە «Nvidia» شىركەتلىرىنىڭ ئارقىدىن «Amazon» شىركىتىمۇ قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«Amazon» شىركىتىنىڭ باياناتچىسى ئىسپانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «EFE» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت پىروگراممىسىدا، «يېڭى تىپلىق كورونا ۋىرۇسى يۇقۇملۇق ئاپىتىگە بولغان ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن <Amazon> شىركىتى بارسېلونادىكى 2020يىللىق خەلقئارا يانفۇن قۇرۇلتىيى <MWC> دا كۆرگەزمەخانا ئاچمايدىغان ۋە قورۇلتايغا قاتناشمايدىغان بولدى» دېدى.

بارسېلونا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى باشلىقى ئادا كولائۇ خەلقئارا يانفۇن قۇرۇلتىيى <MWC> غا قاتنىشىشلارنىڭ ئەمەلدىن قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كېرەكلىك ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يۇقۇملۇق ئاپەت ھەققىدە جەمئىيەتتە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىدىغان سۆزلەردىن قېچىش لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. 

بۇ ئارىلىقتا يەر شارى سىمسىز ئالاقە بىرلەشمىسى «GSMA» نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ خەلقئارا يانفۇن قۇرۇلتىيى <MWC> غا قاتناشماسلىق قارارى ئالغانلىقىغا قارىماستىن، يەنىلا قاتناشقۇچىلار نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قوشۇمچە تەدبىرلەر ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

يەر شارى سىمسىز ئالاقە بىرلەشمىسى «GSMA» خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىن كەلگەنلەرنىڭ خەلقئارا يانفۇن قۇرۇلتىيى «MWC» غا كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ھەمدە خىتايدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭمۇ 14 كۈن ئىلگىرى خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىگە بارمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارنى كۆرسىتىشى شەرت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

يەر شارى سىمسىز ئالاقە بىرلەشمىسى «GSMA» ئالدىنقى ھەپتىدىكى باياناتىدا بولسا، خەلقئارا يانفۇن قۇرۇلتىيى «MWC» دىكى يىغىن زاللىرىدا ھەر بىر لىكسىيە سۆزلىگۈچىنىڭ مىكروفونلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇلىدىغالىقىنى بىلدۈرۈپ، قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىر سۈپىتىدە ئۆزئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىكى... قاتارلىق بەزى تەۋسىلەردىمۇ بولغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر