خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 812 گە چىققانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

خىتايدا يېڭى تىپلىق پۇخەن ۋىرۇسى (2019-nCoV) سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 812 كىشىگە چىققانلىقى ۋە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 37 مىڭ 198 گە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1355754
خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 812 گە چىققانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا تەسىرى بارغانچە خەۋپلىك ھالغا كېلىۋاتقان ۋە «كورونا ۋاباسى» دەپ يېڭى ئىسىم قويۇلغان يۇقۇملۇق كېسەل ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 812 گە شۇنداقلا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 37 مىڭ 198 گە چىققان ھەمدە بۇلاردىن 6188 كىشىنىڭ ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان. 

خىتايدا ۋىرۇس بىلەن يوقۇملانغانلىقى گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ سانى بولسا، 28 مىڭ 942 گە  يەتكەن بولۇپ، يۇقۇملانغان كشىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى سەۋەبىدىن نازارەتتە تۇتۇلىۋاتقانلارنىڭ سانى 188 مىڭ 183 كىشىگە ئۆرلىگەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر