رۇسىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبدىن خىتايدىكى پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى

رۇسىيە يىڭى تىپلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىنىڭ مەركىزى بولغان ۋۇخەن شەھىرىدىن رۇسىيە پۇقرالىرى بىلەن بىرلىكتە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىگە ئەزا بەزى دۆلەت پۇقرالىرىنىمۇ قايتۇرۇپ كەلدى.

1353899
رۇسىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبدىن خىتايدىكى پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 128 رۇسىيە پۇقراسى ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 16 پۇقراسى بولۇپ، جەمئىي 144 كىشىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن ئىككى ئايروپىلان بىلەن رۇسىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

قايتۇرۇپ كېلىنگەنلەردە ھازىرچە ۋىرۇس بايقالمىغانلىقى، بىراق تەدبىر ئۈچۈن تۈمەن شەھىرىدىكى دوختۇرخانىدا ئىككى ھەپتىگىچە كارانتىناغا ئېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تاتيانا گولىكوۋا بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈمەن ۋە سىبرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى تىرانسبايقال رايونىدا 2 خىتاي پۇقراسىدا يېڭى تىپلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيە ۋىرۇس ئاپىتى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن پۈتۈن چېگرالىرىنى تاقىغان ۋە خىتاي پۇقرالىرىغا ئېكېتىرونلۇق ۋىزا بېرىشنى توڭلىتىپ قويۈش قارارى ماقۇللىغان ئىدى.

بەزى رۇسىيە شىركەتلىرىمۇ خىتاي ماڭىدىغان ئايروپىلان ۋە پويىز سەپەرلىرىنى چەكلىگەن ئىدى.

رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخائىل مىشۇستىن تەرىپىدىن تەستىقلانغان قارارغا بىنائەن، خىتاي بىلەن ئۆزئارا ۋىزىسىز ساياھەت كېلىشىمىنىڭمۇ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىغا خىزمەت ۋىزىسى بېرىشنىمۇ توختاتقان ئىدى.

رۇسىيە يەنە، خىتاي بىلەن بولغان تۆمۈر يول كېلىشىمىنىمۇ 3فېۋرالدىن ئېتىبارەن توڭلىتىپ قويۇش قارارى ماقۇللىغانلىقىنى جاكارلىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر