ياۋروپا پارلامېنتى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىنى ماقۇللىدى

ياۋروپا پارلامېنتى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنى ماقۇللىدى.

1350324
ياۋروپا پارلامېنتى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاۋازغا قويۇشتا، ئەنگلىيەنىڭ تەخمىنەن يېرىم ئەسىرلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىغا خاتىمە بېرىدىغان كېلىشىم، 49 غا قارشى 621 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

كېلىشىمنىڭ قوبۇل قىلىنىش باسقۇچى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئاۋازغا قويۇش بىلەن تاماملىنىدۇ.

كېلىشىمنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشىدىن كېيىن 31 – يانۋار جۈمە كېچىسى ئېتىبارى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىدىغان ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 73 ئەزاسىنىڭ ئورنىمۇ بوشىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر