سۈرىيە ۋە رۇسىيە ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونلىرىنى بومباردىمان قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 8 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، 20 دىن ئارتۇق پۇقرا يارىلاندى.

1349850
سۈرىيە ۋە رۇسىيە ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەرنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش مەركىزى، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كەفەرلاتا، خان ئەسسۇبۇل، مەردىھ، ماردىبسە يېزىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ سەراقىب ۋە جىسرىششۇغۇر ناھىيەسى، كەفرەنبىل بازىرى، خان ئەسسۇبۇل يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

پۇقراۋى قوغدىنىش (ئاق خالاتلىقلار) ئەترىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا سەراقىبتا 1 ۋە رۇسىيەنىڭ كەفەرلاتا يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 بولۇپ جەمئىي 8 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان.

پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى خادىملىرىنىڭ يارىدارلارنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختورخانىلارغا يۆتكىگەنلىكى؛ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر