فىرانسىيەدە تۈنۈگۈن كەڭ - كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
فىرانسىيەدە پىنسىيونېرلىق ئىسلاھاتىغا قارشى چىققۇچىلار ماكرون ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم كوچىلارغا چىقتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن پايتەخت پارىژدىكى ئىتالىيە مەيدانىغا توپلاشقان نامايىشچىلار ۋۇبان مەيدانىغىچە يۈرۈش قىلدى.
نامايىشچىلار پىنسىيونېرلىق ئىسلاھاتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىنى تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرماقتا.
نامايىشچىلار ماكرونغا قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، لوزىنكىلارنى ئاچتى. نامايىش تىنچ ئاخىرىلاشتى.
پارىژ ساقچى ئىدارسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پايتەختتىكى نامايىش جەريانىدا 13 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
لىللەدىكى نامايىشلاردا ساقچىلار بىلەن نامايشچىلار ئوتتۇرىسدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش گازى بىلەن مۇداخىلە قىلدى.
تولوسېدا نامايىشچىلار بىر سودا ساراينى تاقىدى ۋە ئىنسانلارنىڭ سودا سارايغا كىرىپ، چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى.
تۈنۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقۇچىلار نىسبىتىنىڭ ئىلگىرىكى نامايىشلارغا قارىغاندا ئاز بولغانلىقى دىققەت قوزغىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە 5 مىليون دوللار قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.