ئىران ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە قوماندانلىرىنى تېررورچى ئېلان قىلدى

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسمىغا قاراشلىق قۇددۇس ئارمىيەسى قوماندانى قاسىم سۇلايمانى ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىران پارلامېنتى يېڭى بىر قارار ماقۇللىدى.

1336072
ئىران ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە قوماندانلىرىنى تېررورچى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پارلامېنتى تەرىپىدىن «جىددىي قارارنامە» سۈپىتىدە تەستىقلانغان قانۇن ئارقىلىق ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىگە چېتىشلىق ئىدارە ئورگان، شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى «تېررورچى» ئېلان قىلىندى.

قانۇن تەكلىپى ئىران پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدىكى بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىردەك قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن تەستىقتىن ئۆتتى.

ئامېرىكانىڭ ئىران ئىنقىلاپ مۇھاپىزەتچىلىرى قىسمىنى تېررورلۇق تەشكلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىگە جاۋابەن ئىلگىرى پارلامېنتتا تەستىقلانغان قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق ئىدارە ئورگان، شىركەتلەر «تېررورچى» ئېلان قىلىندى.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسمىغا قاراشلىق قۇددۇس ئارمىيەسى قوماندانى قاسىم سۇلايمانى ۋە ھەشدىش شەئبى مۇئاۋىن باشلىقى ئەبۇ مەھدى ئەل مۇھەندىس 3 - يانۋاردا ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىراق ئايرودورۇمى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر