كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پۇقرالىرىنىڭ ئىراقتىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى

كانادا، پۇقرالىرىنىڭ ئىراققا ساياھەتكە بېرىشتىن ساقلىنىشىنى ۋە ئىراقتا تۇرۇشلۇق پۇقرالىرىنىڭمۇ چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

1334772
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پۇقرالىرىنىڭ ئىراقتىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كانادا پۇقرالىرىغا قارىتا «داۋاملىشىۋاتقان، ئۆزگىرىشچان ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش قېيىن بولغان بىخەتەرلىككە دائىر خەۋپلىك بىر ۋەزىيەت سەۋەبىدىن ئىراققا ساياھەتكە بېرىشتىن ساقلىنىڭلار. ئەگەر ئىراقتا تۇرىۋاتقان بولساڭلار، بىخەتەر بولغان تەقدىردە نورمال سودا يوللىرى ئارقىلىق ئىراقتىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ چاقىرىق ئېلان قىلىندى. 

باياناتتا يەنە، ئوتتۇرا شەقتىكى جىددىيچىلىكنىڭ بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى يۈزىسىدىن ئەندىشە ھېس قلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، «كانادا غەربنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئوخشاش تەھدىتلەرنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، پۇقرالىرىغا ئىراقتىن چىقىپ كېتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ» دېيىلدى.

دۆلەتلىك مەتبۇئاتلاردا چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) ئىراقتا تەلىم تەربىيە پىروگراممىسىنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىراقلىق ساقچى ۋە ئەسكەرلەرگە تەلىم تەربىيە بېرىۋاتقان ئىراقتىكى 850 نەپەر كانادا ساقچىسى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭمۇ ئىراقتىن چىقىپ كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 


خەتكۈچ: #ئىراق , #كانادا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر