دونالد ترامپ: «پاچاقلاپ تاشلاش ئۇچۈن ئىراننىڭ 52 نىشانىنى بەلگىلەپ قويدۇق»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئەگەر ئىران ئامېرىكالىقلارغا ياكى ئامېرىكاغا تەۋە يەرلەرگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن ئىراننىڭ 52 نىشانىنى بەلگىلەپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1334762
دونالد ترامپ: «پاچاقلاپ تاشلاش ئۇچۈن ئىراننىڭ 52 نىشانىنى بەلگىلەپ قويدۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىگە قاراشلىق قۇددۇس ئارمىيەسى قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچلىك يۇقىرى پەللىگە چىقتى.

ئىراننىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ۋە پۇقرالىرىغا قىلغان تەھدىتلىرىگە قارىتا تىۋىتتېر ھېسابىدىن جاۋاب قايتۇرغان دونالد ترامپ، «يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان يۈزلىگەن ئىرانلىق نامايىشچىنى ۋە باشقا نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندىن باشقا يەنە، بىر ئامېرىكالىقنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە نۇرغۇنلىرىنى يارىدار قىلغان تېررورچىلاردىن دۇنيانى تازىلىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىران بەزى ئامېرىكا نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش توغرۇلۇق ئىنتايىن جاسارەتلىك سۆزلەرنى قىلماقتا. سۇلايمانى ئەسلىدىلا ئەلچىخانىمىزغا ھۇجۇم قىلماقچى ئىدى ھەمدە باشقا جايلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى. ئىران دېمىسمۇ يىللاردىن بېرى مەسىلە تۇغدۇرۇشتىن باشقا ھېچ نەرسىگە يارىمىدى. بۇ بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولسۇن. ئەگەر ئىران ئامېرىكالىقلارغا ياكى ئامېرىكاغا تەۋە يەرلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان بولسا، (بىز يىللار ئىلگىرى ئىران تەرىپىدىن گۆرۈگە تۇتۇۋىلىنغان 52 نەپەر ئامېرىكالىققا مىسال قىلىپ بېكىتكەن) ھۇجۇم نىشانى سۈپىتىدە 52 ئىران ساھەسى بار. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىرى ۋە ئىران كۈلتۈرى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم نىشانلار. بۇ نىشانلارغا قوشۇپ ئىراننىڭ ئۆزىمۇ ئىنتايىن تېز ۋە شىددەتلىك بىر ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ئامېرىكا كۆپ تەھدىت خالىمايدۇ» دېدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر