پېنتاگون ئوتتۇرا شەرقكە ئەسكەر يۆتكەش سۈرئىتىنى تېزلەتتى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، ئوتتۇرا شەرققە 82 – ھاۋادىن چۈشۈرۈش دىۋىزىيەسى سېپىدىكى بىر بىرىگادا ئەسكەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1334557
پېنتاگون ئوتتۇرا شەرقكە ئەسكەر يۆتكەش سۈرئىتىنى تېزلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇددۇس قىسىملىرى قوماندانى قاسىم سۇلەيمانىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن ئۇلغىيىپ كەتكەن ئىران – ئامېرىكا سۈركىلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، رايونغا 82 – ھاۋادىن چۈشۈرۈش دىۋىزىيەسى سېپىدىكى بىر بىرىگادا ئەسكەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، «بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئېلان قىلىنغىنىدەك، 82 – ھاۋادىن چۈشۈرۈش دىۋىزىيەسىگە قاراشلىق جىددىي مۇداخىلە قىلىش بىرىگاداسىنى يۆتكەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈلدى ۋە نۆۋەتتە يولغا سلېىنماقتا. بىر باتالىيون جىددىي مۇداخىلە قىلىش ئەسكىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەۋەتىلگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا بىرىگادانىڭ قالغىنى بولسا، 96 سائەتلىك ھوشيارلىققا سەپەرۋەر قىلىنغانىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئوتتۇرا شەرققە ئەسكەر يۆتكەشنىڭ كۈتۈلۈۋاتقان بىر ئىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «بىرىگادا، ئامېرىكىنىڭ خادىم ۋە ئورۇنلىرىغا قارىتا كۈچىيىپ كەتكەن تەھدىتكە قارشى تەدبىر مەقسەتلىك مۇۋاپىق بىر قەدەم سۈپىتىدە كۇۋەيتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ» دېيىلدى.

بىر مۇداپىئە ئەمەلدارى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەر سانى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ھەپتە ئىچىدە ئەۋەتىلگەن 750 ئەسكەرنى قوشقاندا جەمئىي ئەۋەتىلگەن ئەسكەرنىڭ 3500 كە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر