ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى ھەشدۇششەئبى تەرەپدارلىرى تەلتۈكۈس چېكىندى

ئىراق بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىران تەرەپدارى ھەشدۇششەئبى ئەزالىرىنىڭ رايوندىن تەلتۈكۈس چېكىنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1333248
ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى ھەشدۇششەئبى تەرەپدارلىرى تەلتۈكۈس چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكىنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسى ئالدى ۋە ئەتراپىدىكى نامايىشچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەردىن چېكىندى، تىكىلگەن چېدىرلارمۇ ئېلىۋېتىلدى» دېدى.

باياناتتا، نامايىشلار ئاخىرلاشقان رايوندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى قايتىدىن ئىراقلىق ئەسكەرلەرنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكىنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسى بولسا، بارلىق كونسۇلخانا خىزمەتلىرىنىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھەشدۇششەئبى تەشكىلاتى، تەرەپدارلىرىنى «ئامېرىكىنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىن چېكىنىش» كە چاقىرغان بولسىمۇ، ھىزبۇللاھ بىرىگاداسى تەرەپدارلىرى بۇ چاقىرىقنى رەت قىلىپ، نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش پىكرىدە چىڭ تۇرغانىدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى ئالدىنقى كۈنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھەشدۇششەئبى تەرەپدارلىرىنى ئامېرىكىنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىن دەرھال چېكىنىشنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر