چىلىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار داۋام قىلماقتا

مېترو بېلىتىنىڭ 24 سىنت ئۆستۈرۈلۈشى چىلىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

1332858
چىلىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 18 – ئۆكتەبىردە باشلانغان نامايىشلاردا كەم دېگەندە 24 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، مىڭلارچە ئادەم يارىلاندى. ئىككى ئاينى ئارقىدا قالدۇرغان نامايىشلار دائىرىسىدە، نامايىشچىلار پايتەخت سانتىياگودىكى ئىتالىيە مەيدانىغا توپلىنىپ ھۆكۈمەتگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشلار زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئايلىنىپ كەتتى. نامايىشچىلار خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تاش ئاتتى ۋە ئۇلار بىلەن توقۇنۇشتى. خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بولسا، نامايىشچىلارغا ئالدىدا يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئىشلىتىپ، ئارقىدىن قاتتىق كۈچ ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى. مۇداخىلە جەريانىدا بەزى كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #نامايىش , #چىلى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر