ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇمىدا 5 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ئۆلدى

ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كەركۈك، مۇسۇل ۋە سالاھىددىن ۋىلايەتلىرىدە قىلغان ھۇجۇملىرىدا، 5 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ئۆلۈپ، 10 ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1329177
ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇمىدا 5 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق مېدىيا تورى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سالاھىددىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەسسالاھىيە يېزىسى ئەتراپىدا ئەسكەرلەر ئۆتۈۋاتقان پەيتتە يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبانىڭ پارتىلىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بۇ ھۇجۇمدا 2 ئەسكەر ئۆلۈپ، 3 ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

مۇسۇل ۋىلايىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يۈز بېشى فەيسەل ئەلجەبۇرىمۇ ماھمۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق گۇۋەر يېزىسىدا، ھاشدۇش شەئبى قىسىملىرىنىڭ چارلاش ئاپتوموبىلىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

فەيسەل ئەلجەبۇرى يەرگە كۆمۈلگەن بومبىنىڭ پارتىلىشى تۈپەيلى 2 نەپەر ھاشدۇش شەئبى ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 5 ئەسكرىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەركۈك ساقچى ئىدارىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يۈز بېشى ھامىد ئەل ئۇبەيدى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ كۈركۈكنىڭ غەربىدىكى خاببازا نېفىت قۇدۇقلىرىنى قوغداۋاتقان 2 ئامانلىقنى ساقلاش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھامىد ئەل ئۇبەيدى ھۇجۇمدا 1 ساقچى ئۆلۈپ، 2 ساقچىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر