ئامېرىكا، خىتاي بىلەن بولغان رىقابەت دائىرىسىدە ئافرىقىدىكى ئەسكەرلىرىنى رەتكە سېلىشى مۇمكىن

ئامېرىكانىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان رىقابەت دائىرىسىدە، ئافرىقادىن باشلانغانچە، بەزى رايونلاردا ھەربىي قىسىملىرىنى باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1329221
ئامېرىكا، خىتاي بىلەن بولغان رىقابەت دائىرىسىدە ئافرىقىدىكى ئەسكەرلىرىنى رەتكە سېلىشى مۇمكىن

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئامېرىكا مەسئۇللىرىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېرنىڭ غەربىي ئافرىقىدىكى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشنى، ھەتتا بەزى دۆلەتلەردىن پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈشنى پىلانلىغالىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مارك ئېسپېرنىڭ ئافرىقا قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابىغا ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈش ھەققىدە يانۋار ئېيىغىچە كەڭ دائىرىلىك بىر پىلان تەييارلاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان مەسئۇللار، ئېسپېرنىڭ ئىراقتىكى ئەسكەر سانىنىمۇ ئەسلىدىكى 5000 دىن 2500 غا چۈشۈرۈشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

مەسئۇللارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا نېگىرىيەدە 110 مىليون دوللارغا ياساپ چىققان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بازىسىنى تاشلاپ، فىرانسىيەنىڭ مالى، نېگىرىيە ۋە بۇركىنافاسو ھەرىكەتلىرىگە قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى توختىدىكەن.

مەسئۇللار ئافرىقىدىن باشلىغانچە مەزكۇر ئەسكەرلەرنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ يانۋار ئېيىدا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، بىراق پالاتانىڭ بۇنداق قىلىشقا قارشى چىقىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ چەت ئەللەردە 200 مىڭغا يېقىن ئەسكىرى مەۋجۇت.

مەسئۇللار ئەسكەر چېكىندۈرۈشنىڭ ياۋروپانىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشتىن باشقا يەنە، ئامېرىكادىن بېكار بولغان يەرلەرگە خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئورۇنلىشىش خەۋپىغىمۇ يول ئاچىدىغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر