بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبتىكى 40 يېزىنى قولغا چۈشۈردى

ئاستانا كېلىشىمىنى پېسەنتىگە ئالمىغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، سۈرىيەدە رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ياردىمىدە بەش يېزىدا ئىلگىرىلەپ، ئىدلىبتە قولغا كىرگۈزگەن تۇرالغۇ رايون سانىنى 40 قا چىقاردى.

1329500
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبتىكى 40 يېزىنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد كۈچلىرى تۈنۈگۈن (24-دېكابىر) كەچتىن باشلاپ ئىدلىبنىڭ مائارراتىننۇمان ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئامدۇنىيە، سىھيان، بابولىن، كەفەرباسىن ۋە تېكانە يېزىلىرىنى، شۇنداقلا يېزا پۇقرالىرىنىڭ قېچىش يولى ئۈستىدىكى ھىش كۆۋرۈكىنى قولغا چۈشۈردى.

ھىش كۆۋرۈكى تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرى مائارخاتات يېزىسىدا ئارقا سەپ مەقسىتىدە پايدىلىنىدىغان تۇرالغۇنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان.

بۇنىڭ بىلەن، 20-دېكابىر قۇرۇقلۇقتا ھەرىكەت باشلىغان بەششار ئەسەد كۈچلىرى قولغا چۈشۈرگەن تورالغۇ رايون سانى 40 قا چىققان بولدى.

بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبنىڭ مائارراتىننۇمان ۋە سەراكىب ناھىيە مەركەزلىرى بىلەن ئەتراپىنى قاتتىق بومباردىمان قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھۇجۇملارغا، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلار بىلەن رۇسىيە ئالاھىدە قىسمى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان «يولۋاس كۈچلىرى» ناملىق قوراللىق كۈچلەر ياردەم قىلماقتا. رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىمۇ بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ياردەم قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر