يېڭى زېلاندىيەدە يانار تاغ پارتلاپ 19 كىشى ئۆلدى
يېڭى زېلاندىيەنىڭ شىمالىدىكى ۋاكارى (ئاق ئارال) يانار تېغىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىغانلارنىڭ سانى 19 غا چىقتى.
1327721
![يېڭى زېلاندىيەدە يانار تاغ پارتلاپ 19 كىشى ئۆلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/61a5/8ec3/7db4/5e005adfd3ba9.jpg?time=1719059023)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيە ساقچى مەسئۇللىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پارتلاشتىن كېيىن ئېغىر يارىدار بولغان ۋە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان 3 كىشىنىڭمۇ ۋاپات بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يېڭى زېلاندىيەنىڭ شىمالىدىكى ۋاكارى (ئاق ئارال) يانار تېغىدا 9 – دېكابىردا يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن ئارالدا تۇرۇشلۇق 47 كىشىدىن 39 كىشى بىخەتەر جايغا يۆتكىۋىتىلگەن ۋە 8 كىشى قاپسىلىپ قالغان ئىدى.
پارتلاشتىن كېيىن ئارالدا بايقالغان 47 كىشىدىن 24 ى ئاۋستىرالىيە، 9 ى ئامېرىكا، 5 ى يېڭى زېلاندىيە، 4 ى گېرمانىيە، 2 سى خىتاي ۋە يەنە 2 سىنىڭ ئەنگلىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.