ئىدلىبتا يۈز بەرگەن ھاۋا ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن قوللىغۇچىسى رۇسىيەنىڭ « سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» دىكى پۇقراۋى رايونلارغا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1327256
ئىدلىبتا يۈز بەرگەن ھاۋا ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەرگە ئائىت كۆزىتىش ئورگىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەەە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مائاررارۇننان ناھىيەسى بىلەن ناھىيەنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرى، جەرجەناز رايونى، تەل مەننىس ۋە تۇھ يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلغان. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ مائارراتۇننان ناھىيەسى، خان ئەسسۇبۇل، مارشۇرىن، گادافا، مارشىمشە، رەييان، سىرمان، قەترە، دىر شەرقى ۋە بەرمان يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

ھاۋا ھۇجۇملىرىدا مائارراتۇننان ناھىيەسىدە ئىككى، دىر شەرقى يېزىىسدا بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر