رۇسىيە بىلەن خىتاي سۈرىيەگە چېگرا ھالقىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قارارىنى ۋېتو قىلدى

رۇسىيە بىلەن خىتاي 2014 – يىلدىن بۇيان سۈرىيەگە چېگرا ھالقىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشتە مۇھىم رول ئويناۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنىڭ يېڭىلىنشىنى ۋېتو قىلدى.

1327326
رۇسىيە بىلەن خىتاي سۈرىيەگە چېگرا ھالقىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قارارىنى ۋېتو قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە يېڭىلىنىشى شەرت بولغان قارار، گېرمانىيە، بېلگىيە ۋە كۇۋەيت تەرىپىدىن رۇسىيە بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان سۆھبەتتىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلدى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىلىدىغان چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان رۇسىيە، بۇ ھەقتە سۇنۇلغان تۈرلۈك تەكلىپلەرگە قارىماي قايىل بولمىدى، ھەمدە خىتاي بىلەن بىرلىكتە بۇ قارارنى ۋېتو قىلدى.

بۇ قارار يېڭىلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن 10 – يانۋارغىچە باشقا شەكىلدە تەدبىر قوللىنىلمىغان تەقدىردە، ئىككىسى تۈركىيەدىن بولۇپ، جەمئىي 4 چېگرا ئېغىزى سۈرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىگە تاقىلىدۇ.

سۈرىيەدە چېگرا ھالقىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى مەۋجۇت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىغا ئاساسەن 4 چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتاتتى. 2014 – يىلدىن بۇيان سۈرىيە ۋە ئىيوردانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەررەمسە چېگرا ئېغىزى، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى بابۇسسەلامە ۋە بابۇلھەۋۋا چېگرا ئېغىزلىرى، ئىراق بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەليارۇبىييە چېگرا ئېغىزى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىر قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن 15 ئەزا دۆلەتتىن كەم دېگەندە 9 ىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى ۋە دائىمىي ئەزالاردىن ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەدىن ھېچقايسىسىنىڭ ۋېتو ھوقۇقىنى ئىشلەتمەسلىكى شەرت ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر