دونالد ترامپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ئۇرۇنۇشلىرىغا ئالاقىدار نانسى پېلوسىغا مەكتۇپ يوللىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋەزىپىسدىن ئېلىپ تاشلاشقا ئالىقىدار ماددىرلارغا قارىتا «سمىمىيەتسىز، ئاسساسىز، خەتەرلىك ۋە مەنتىقسىز» دەپ باھا بەردى ۋە بۇ ئىشقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1325341
دونالد ترامپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ئۇرۇنۇشلىرىغا ئالاقىدار نانسى پېلوسىغا مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي ترامپ ھەققىدە داۋاملىشىۋاتقان ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكشۈرۈشلىرى دائىرىسىدە، دونال ترامپنىڭ ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نانسى پېلوسىگە يوللىغان مەكتۇبىنى ئېلان قىلدى.

دونالد ترامپ مەكتۇبىنى، «ھۆرمەتلىك ئاۋام پالاتاسى باشلىقى! بۇ مەكتۇبنى ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتچىلار تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلىۋاتقان پارتىزانلارچە ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش ئۇرۇشىغا ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن يازدىم» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشىلىغان بولۇپ، ئاۋام پالاتاسىدا داۋاملىشىۋاتقان پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ئۇرۇنىشىنىڭ ئەسلىدە، ھوقۇقىنى دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئىشلىتىشنىڭ دەل ئۇزى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

دونالد ترامپ ئاۋام پالاتاسى ئەدلىيە كومىتېتى تەرىپىدىن سۇنۇلغان ۋەزىپسىدىن ئېلىپ تاشلاش ماددىلىرىنىڭ ھېچ قانداق قانۇنىي ئاساسىي يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

دونالد ترامپ: «ئىنتايىن يىزگىنىشلىك بىر سۆز ھېسابلىنىدىغان <ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش> نىڭمۇ ئەھىيىتىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ قويدىڭىز، ھېچقانداق ئىناۋەتكە ئىگە بولمىغان ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش ئۇرۇنۇشىڭىرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئېلىش قەسەميادىڭىزغا خىيانەت قىلىۋاتىسىز. دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا بولغان ساداقىتىڭىزنى بۇزۇۋاتىسىز ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيەسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىۋاتىسىز» دېدى.  

ترامپ ئۆزى ھەققىدە «ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلدى» دېگەن ئەيبىلەشكە قارىتا، «بۇ پۈتۈنلەي سىزنىڭ سەمىمىيەتسىز، ئاساسسىز، پاكىتسىز خام - خىيالىڭىزنىڭ مەھسۇلىدۇر» دېدى.

ئۇكرائىنا دۆلەت رەئىسى ۋىلادىمىر زېلېنسىكىي بىلەن ئادەتتىكىچە بىر تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن دونالد ترامپ، «<دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلدى> دېگەن ئىككىنچى ئەيىبلىشىڭىزمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە مانتىقسىز ئەيىبلەشتۇر» دېدى. 

دونالد ترامپ مەكتۇبىدا يەنە، ئامېرىكانىڭ ماسساچۇسېتتس ئۆلكىسىدە 17ئەسىردە قۇرۇلغان ۋە بىر گۇرۇپپىنى سېھرىگەرلىك بىلەن ئەيىبلىگەن مەھكىمىلەرنى ئىما قالغان ھالدا «سېھرىگەرلەر مەھكىمىسىدىكى گۇماندارلارغىمۇ بۇنىڭدىن كۆپرەت قانۇني رەىسمىيەتلەر ئىشقا سېلىنغان ئىدى» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر