ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى پىلانلىماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافغانىستاندىن 4 مىڭ ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى پىلانلىماقتا.

1323781
ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئامېرىكىلىق بىر ئەمەلدارنى مەنبە قىلغان ھالدا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان 13 مىڭغا يېقىن ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ 4 مىڭىنى چېكىندۈرۈشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

ترامپنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى باياناتلىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن <ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى قىسقارتىش پىلانى>نى تالىبان بىلەن يېڭىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش باشلانغاندىن كېيىن ئورۇندىماقچى بولۇشى دىققەتنى تارتتى.

س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا 2001 – يىلىدىن بۇيان ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشقا 133 مىليارد دوللار پۇل سەرپ قىلغان، ئۇرۇش جەريانىدا 2300 ئامېرىكا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان، 58 مىڭدىن ئارتۇق ئافغانىستان ئەسكىرى، 38 مىڭ پۇقرا ۋە 42 مىڭ قوراللىق ئۇنسۇر ئۆلگەن.

ترامپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تالىبان ئارىسىدا 2018 – يىلى دېكابىردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى 5 – سېنتەبىردە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان بومبىلىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن توختىتىپ قويغانىدى.

دونالد ترامپ نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا تۇيۇقسىزلا ئافغانىستاندىكى بىر ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى زىيارەت قىلغاندا بايانات بېرىپ، تالىبان بىلەن كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئارقىدىنلا سۆھبەتلەر باشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر