ترامپ ناتونىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئاخبارات يىغىنى ئورۇنلاشتۇرمىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 4—دېكابىر (2019) ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئېچىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو (NATO) دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئېچىشنى پىلانلىغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋاشىنگتونغا قايتتى.

1317854
ترامپ ناتونىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئاخبارات يىغىنى ئورۇنلاشتۇرمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ تۋىتتېردا ناتو دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئاخىرلاشقاندا، ئاخبارات يىغىنى ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ: «بۈگۈنكى (تۈنۈگۈن 4-دېكابىر) يىغىن ئاخىرلاشقاندا ۋاشىنگتونغا قايتىمەن. ناتونىڭ يېپىلىشىدا ئاخبارات يىغىنى ئاچمايمەن. چۈنكى ئىككى كۈندىن بۇيان بۇ ئىشنى كۆپ قىلدۇق» دېدى.

س ن ن (CNN) تېلېۋىزىيەسى، كانادا، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان سوئال-جاۋابلىق ئاخبارات يىغىنىنى مازاق قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزمەسلىك قارارىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ ئۆزىنى مەسخىرە قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدونى «ئىككى يۈزلىمىچى ئادەم» دېگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ناتودا قارار ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %2 نى مۇداپىئەگە ئاجراتمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەمەلىيەتكە ئاساسەن ترېدونىڭ %2 نى تاپشۇرمىغانلىقىنى ئېيتتىم. پەرىزىمچە بۇنىڭدىن خۇشال بولمىدى» دېگەن ئىدى.

خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدو، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ، ئايال پادىشاھ 2-ئېلېزابېتنىڭ بۇكىڭھام سارىيىدا بەرگەن زىياپىتىدە ئۆزئارا چاقچاق قىلىشقان سىن كۆرۈنۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىققان ۋە رەھبەرلەرنىڭ پىرېزىدېنت ترامپ ھەققىدە پاراڭ سېلىشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر