ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارمىيەلىرىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقلىرى خوڭكوڭ پورتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك مارك مېللېي، خىتاي ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك لى زۇچېڭ بىلەن خوڭكوڭ پورتى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

1317456
ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارمىيەلىرىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقلىرى خوڭكوڭ پورتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى پولكوۋنىك دېدې ھالفھېل ئىككى باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، «ئىككى قوماندان ئارىسىدىكى كۆرۈشۈش، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – خىتاي ئارىسىدا ئۈنۈم مەركەزلىك شۇنداقلا ئىجابىي مۇداپىئە مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا پۇرسەت يارىتىپ بەردى» دېدى.

ھالفھېل، ئىككى قومانداننىڭ، ئۈنۈملۈك ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن پائال دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تېلېفون سۆھبىتىنىڭ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ خوڭكوڭ پۇرتلىرىغا كىرىشىگە يول قويماسلىقىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلۈشى دىققەتنى تارتتى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنىنى ماقۇللىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ شەھەرگە يېقىنلىشىشىنى مەنئى قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

قانۇنغا ئىچكى ئىشلىرىغا «ئېغىر مۇداخىلە قىلىش» دەپ باھا بەرگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكانىڭ ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلىرىنىمۇ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر