ئىران مەھران چېگرا ئېغىزىنى قايتىدىن تاقىۋەتتى
ئىران ھۆكۈمىتى، ئىراقتا داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار سەۋەبىدىن مەھران چېگرا ئېغىزىنى قايتىدىن تاقىۋەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەھران چېگرا ئېغىزى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 24:00 تىن باشلاپ ئىران پۇقرالىرى ئۈچۈن تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، چەت ئەللىكلەر چېگرادىن كىرىپ چىقالايدىكەن.
تېھران دائىرىلىرى، ئىراقتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار سەۋەبىدىن 30 – ئۆكتەبىردە مەھران چېگرا ئېغىزىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى، 25 – نويابىردا بولسا، قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.
ئىران يەنە، ئىراقتا نامايىشلار باشلانغاندىن كېيىن كىرمانشاھ ئۆلكىسىگە قاراشلىق خۇسرەۋى بىلەن خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق جەززابە چېگرا ئېغىزلىرىنى 3 – ئۆكتەبىردە تاقىۋېتىپ، ئارىدىن 3 كۈن ئۆتكەندىن قايتىدىن ئېچىۋەتكەنىدى.
ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد بىلەن ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىمدىكى شەھەرلەر 1 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىشسىزلىق، چىرىكلىك ۋە ئاممىۋى خىزمەتلەرنىڭ يېتەرسىزلىكىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا سەھنە بولماقتا.