تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇلغان تەل ئەبياد دوختۇرخانىسى مۇلازىمەت باشلىدى

سۇرىيەدە تۈركىيە ئەسكەرلىرى تېررولۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇلغان تەل ئەبياد دوختۇرخانىسىنى رېمۇنت قىلىپ خەلقىڭ خىزمىتىگە سۇندى.

1313612
تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇلغان تەل ئەبياد دوختۇرخانىسى مۇلازىمەت باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك تەرىپىدىن ھەربىي بازىغا ئايلاندۇرۇۋېلىنغان تەل ئەبياد دوختۇرخانىسى تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن رېمۇنت قىلىندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك تەرىپىدىن ھەربىي بازىغا ئايلاندۇرۇۋېلىنغان تەل ئەبياد دوختۇرخانىسى تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن رېمۇنت قىلىنغاندىن كېيىن، سۈرىيەلىك قېرىنداشلىىمىزنىڭ يارىسىغا مەرھەم بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. سۇرىيە خەلقىنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇلغان تۇغۇت بۆلۈمى سايىسىدە بۇۋاقلار دۇنياغا كۆزلىرىنى بىخەتەر ئاچالايدىغان بولدى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر