دائېشقا قاتنىشىش ئۈچۈن فىرانسىيەدىن كەلگەن ئايال ئادانادا قولغا چۈشتى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاداناغا كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن فىرانسىيەلىك ئايال نازارەتكە ئېلىندى.

1312677
دائېشقا قاتنىشىش ئۈچۈن فىرانسىيەدىن كەلگەن ئايال ئادانادا قولغا چۈشتى
deas teror.jpg
deas teror.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادانا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئەترىتى 21 ياشلىق، ئاننىسا ل ئىسىملىق فىرانسىيەلىك گۇماندارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قاتنىشىش ئۈچۈن فىرانسىيەدىن ئايروپىلان بىلەن ئىستانبۇلغا، ئاندىن ئاپتوبۇس بىلەن ئاداناغا كەلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئەترىتى فىرانسىيەلىك ئايالنى چۈشكەن مېھمانخانىدىن نازارەتكە ئالدى.

گۇماندارنىڭ خاتايدىن قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق سۈرىيەگە كىرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشماقچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

گۇماندار ساقچىلارغا بەرگەن بايانىدا، ئاداناغا ساياھەت ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

فىرانسىيەلىك گۇماندار قانۇنىي رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، فرانسىيەگە يوللاپ بېرىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر