ۋاڭ يى خوڭكوڭدىكى سايلام ۋە نامايىشلارغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، خوڭكوڭنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خىتاي زېمىنلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1311980
ۋاڭ يى خوڭكوڭدىكى سايلام ۋە نامايىشلارغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن بارغان ياپونىيەدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، مۇخبىرلارنىڭ خوڭكوڭدا يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «خوڭكوڭدا نېمە بولسا بولسۇن، خىتاي زېمىنلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ۋاڭ يى، ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان، يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەھنە بولغان نامايىشلار توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، «خوڭكوڭنى يوقىتىپ تاشلاش ياكى مۇقىملىقى ۋە باياشاتلىقىغا زىيان يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان ئۇرۇنۇشلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىدا ئۇدا بىر قانچە ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنىڭ كۆلەڭگىسىدە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مەھەللىي سايلامدا، دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى بېيجىڭ تەرەپدارلىرى ئالدىدا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسىدە كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى.

خوڭكوڭ دائىرىلىرى، «گۇماندارلارنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى، ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرى رايونى ۋە تەيۋەنگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان» قانۇن لايىھەسىنى 3 – ئاپرېلدا پارلامېنتقا سۇنغانىدى. لايىھەنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلمىسى ۋە ئەدلىيە جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىگە زىيان يەتكۈزۈپ، شەھەرنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىغا كىرگۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۆكتىچىلەر، ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىدا شەھەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر