لىۋىيەدە ئامېرىكىغا ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يوقاپ كەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافرىقا قوماندانلىق ئىشتابىغا ئائىت بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى لىۋىيە رادارىدىن يوقاپ كەتتى.

1311166
لىۋىيەدە ئامېرىكىغا ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافرىقا قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىشتابىمىزغا ئائىت قورالسىز ۋە يىراقتىن كونتىرول قىلىنىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى لىۋىيەنىڭ ترابلۇس رايونىدا 21 – نويابىر كۈنى يوقاپ كەتتى. ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى لىۋىيەدە بىخەتەرلىك ئەھۋالى ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، لىۋىييە ھۆكۈمىتى بىلەن تامامەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ پائالىيەتلەر لىۋىيەدىكى تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلاندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر