ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 14 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ يېزا - قىشلاقلاردىكى بازىلىرىغا ھاۋادىن ۋە قۇرۇغلۇقتىن تەڭلا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. ھەرىكەتتە 14 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1305659
ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 14 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پايتەخت باغداتنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دىيالا ۋىلايىتىگە قاراشلىق يىزا قىشلاقلاردىكى دائېش بازىلىرىغا ھاۋادىن ۋە قۇرۇغلۇقتىن تەڭلا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، دىيالا ۋىلايىتىنىڭ خانەكىن ناھىيەسىگە قاراشلىق كاراتەپە ۋە جەلاۋلا يېزىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ھاۋا ھۇجۇمىدا 10 تېررورچى ۋە قۇرۇغلۇقتىن قىلىنغان ھۇجۇمدا بولسا، 4 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتتى دائېش 2014يىلى ئىيۇن ئېيىدا مۇسۇلنى ئىشغال قىلىپ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىراقنىڭ ئۆچتە بىر قىسمىنى ئالقىنغا كىرگۈزۈۋالغان ئىدى. ئىراق ئارمىيەسى 2017يىل دېكابىردا مەزكۇر جايلارنىڭ ھەممىنى دائېشتىن قايتۇرۇىۋالغان ئىدى. 

دائېش رايوندىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، شەھەرلەر قايتۇرۇپ ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق تەشكىلاتنىڭ قالدۇقلىرى كەركۈك، دىيالا، مۇسۇل، سالاھىددىن ۋە ئەنبەر ۋىلايەتلىرىگە قاراشلىق يېزا - قىشلاقلاردا پات -پات ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. 

 


خەتكۈچ: #دائېش , #ئىراق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر