ب د ت: ئىراقتىكى نامايىشلاردا 254 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئىراق ئىشخانىسى «25 – ئۆكتەبىردىن 4 – ئۆكتەبىرگىچە ئىراق نامايىشلىرى» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

1301124
ب د ت: ئىراقتىكى نامايىشلاردا 254 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئىراق ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «25 – ئۆكتەبىردىن 4 – ئۆكتەبىرگىچە ئىراق نامايىشلىرى» ناملىق دوكلاتىدا، ئىراقنىڭ باغداد باشتا بولۇپ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىدا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا يەنە 97 نامايىشچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىڭلارچە نامايىشچىنىڭ نامايىشلار ئەسناسىدا يارىلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا، 25 – ئۆكتەبىردە قايتىدىن باشلانغان نامايىشلاردا، ب د ت نىڭ، نامايىشچىلارنىڭ بىر قاتار ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى بايقىغانلىقىغا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ گاز بومبىلىرىنىڭ 16 نامايىشچىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

دوكلاتتا قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن ب د ت ئىراق كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى دانىئېل بېل، «خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قورالسىز نامايىشچىلارغا گاز بومبىسى ئىشلىتىشىنى ھېچبىر شەكىلدە ئاقلىغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ب د ت نىڭ 22 – ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان «1 – ئۆكتەبىردىن 9 – ئۆكتەبىرگىچە ئىراق نامايىشلىرى» ناملىق دوكلاتىدا بولسا، نامايىشلاردا 157 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 5494 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

بۇ جەرياندا، ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى زىكار ۋىلايىتىدە نامايىشچىلار، ئەششاترا ناھىيەسىنىڭ «سائىرۇن» بىرلەشمىسى پارلامېنت ئەزالىرىدىن ناجى ئەسسەئىدى، «ئەلفەتىھ» بىرلەشمىسىدىن مۇنا ئەلغۇرابى بىلەن «قانۇن دۆلىتى» بىرلەشمىسى پارلامېنت ئەزاسى زەينەپ ئەلخەزرەجىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇپ بەردى؛ ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

ئىراقلىقلار، ئىشسىزلىق، چىرىكلىك ۋە ئاممىۋى خىزمەتلەرنىڭ يېتەرسىزلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە. 1 – ئۆكتەبىردە ھەرىكەتكە ئۆتكەن نامايىشچىلار، ئەربەئىين مۇراسىملىرى سەۋەبىدىن توختىتىپ قويغان نامايىشلىرىنى 25 – ئۆكتەبىردە قايتىدىن باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر