سۇدان پىرېزىدېنتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلىشى مۇمكىن

سابىق سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەلبەشىر سۇدان سوتى تەرىپىدىن ئاقلانغان تەقدىردىمۇ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوت قىلىنىشى مۇمكىنكىلى بىلدۈرۈلمەكتە.

1299531
سۇدان پىرېزىدېنتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ شېرىكى ئەركىنلىك ۋە ئۆزگىرىش دوكلاتى كۈچلىرى پارتىيەسى رەھبەرلىرىدىن ئىبراھىم ئەششەيخ پايتەخت خارتۇمدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى. 

ئىبراھىم ئەششەيخ باياناتىدا، «ئاغدۇرۇۋىتىلگەن رەھبەر ئۆمەر ئەلبەشىر سۇداندىكى سوتتا ئاقلانغان تەقدىردە، دۆلەت ئىچىدە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن چەت ئەلدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىدۇ. ئەركىنلىك ۋە ئۆزگىرىش دوكلاتى كۈچلىرى پارتىيەسى، ئەگەر ئاغدۇرۇلغان رەھبەر سۇداندا ئاقلانسا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلىدى. بۇ جەھەتتە ھېچقانداق مەسىلە يوق» دېدى.

ئەركىنلىك ۋە ئۆزگىرىش دوكلاتى كۈچلىرى پارتىيەسى باياناتچىسى ۋەجدى سالىھمۇ ئۆمەر ئەلبەشىر ھۆكۈمىتىگە تەۋە ئورگانلارنى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مال - مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇرىدىغان قانۇن تەكلىپىنىڭ تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى. 

سۇداندا 2018يىلى 19دېكابىردا تۇرمۇش بويۇملىرى باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى خەلق نامايىشى باشلىنىپ، كېيىن دۆلەت مىقياسى بويىچە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا ئايلىنىپ كەتكەن ۋە ئەسكەرلەرنىڭ مۇداخىلە قىلىشى بىلەن ئۆمەر ئەلبەشىرنىڭ 30 يىللىق ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەن ئىدى.

ئۆمەر ئەل بەشىرنى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۋىتىش ھەرىكەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان ئەركىنلىك ۋە ئۆزگىرىش دوكلاتى كۈچلىرى پارتىيەسى 21 - ئاۋغۇستتا قۇرۇلغان سۇدان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە باشقۇرىدۇ ھەمدە 39 ئايدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلمەچى بولغان ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

ئەسلىدە 2003يىلى دارفۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇشلار ھەمدە شۇ ۋەجىدىن يۈز بەرگەن ئىنسانىي كىرىزىسلار سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

دارفۇر مەسلىسى سەۋەبىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى سابىق پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەلبەشىرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ، تۇتۇش بويرۇقى چىقارغان ئىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2009يىلى 4مارتتا ئۆمەر ئەلبەشىرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت ۋە دارفۇردا ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئۆمەر ئەلبەشىر بولسا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە «بۇ بىر ئىكىسپالاتاتسىيە ئورگىنىدۇر» دەپ باھا بەرگەن ھەمدە ئۇنداق جازالاش ھوقۇقىنىڭمۇ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر