ئىراق مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشتىن بېشارەت بەردى

ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ يېڭى سايلام قانۇنىنى تۈزۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

1298314
ئىراق مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشتىن بېشارەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ ئىراقتا خېلى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان ۋە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە نەق مەيداندىن تارقىتىلغان نۇتقىدا: «ھۆكۈمەت ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگىنىدەك ھەممە كىشىگە قۇچاق ئاچقان قۇرۇلما بولۇشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇقى خەلققە تايىنىدۇ. شۇڭا، نامايىشچىلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشىمەن» دېدى.

ئۇ سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئەھۋالدا باش مىنىستىر ئادىل ئابدۇلمەھدىنىڭ ئىستېپا بېرىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بەردى.

ئۇ: «يېڭى سايلام قانۇنى ئۈچۈن خىزمەتلەرنى باشلىدۇق ۋە سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى مەزھەپچىلىكتىن يىراق، مۇتەخەسسىس سوتچى ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار بىلەن ئالماشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ ئىراقتا خېلى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلغان نامايىشلاردا نامايىشچىلارغا قىلىنغان زوراۋانلىقلارنى ئەيىبلەپ: «كەڭ كۆلەملىك خەلق نامايىشلىرىدا زوراۋانلىق قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىراق، نامايىشچىلارغىمۇ نامايىشلىرىنى تىنچلىق ئۇسۇلدا داۋاملاشتۇرۇشىنى چاقىرىق قىلىمەن. نامايىشلاردا زوراۋانلىق قىلغانلار دەرھال جازاغا تارتىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ ئىراقتىكى پارىخورلۇق ئەھۋاللىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى ۋە بۇ ھەقتە تەييارلانغان دوكلاتلارنىڭ سوتقا يەتكۈزۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ: #ئىراق , #سايلام

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر