بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى جانغا زامىن بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا
سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ « سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» دىكى ئولتۇراق رايونلىرىنى توپقا تۇتۇشى نەتىجىسىدە ئىككى ئايال ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1295102
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىب پۇقراۋى قوغدىنىش ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ «<ئىدلىب> سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» غا جايلاشقان بىاداما ناھىيەسى، كەفرەنبىل رايونى، كەفەر سەجنە، ھىئىش، ماررىتھىرمې، ئۇرەينىبە يېزىلىرى قاتارلىق ئولتۇراق رايونلىرىنى راكېتامىيوت، شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك قاتارلىق ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلار بىلەن توقا تۇتۇشى نەتىجىسىدە ئىككى ئايال ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 پۇقرا يارىلانغان.
يەنە بىر تەرەپتىن، ھەربىي ئۆكتىچىلەر كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنىڭ ھازارىن، بەليون، مائارزىيە، ماررىتھىرمە ۋە لازقىيەنىڭ كەببىنە يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلغان.