رۇسىيە بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا بىرلىكتە قورال ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىماقتا

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھەربىي ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقى ئىدارىسى باشلىقى دىمىترىي شۇگايېۋ، رۇسىيە بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ بىرلىكتە قورال ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1294102
رۇسىيە بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا بىرلىكتە قورال ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىمىترىي شۇگايېۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ئافرىقىنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن بۇ ساھەدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە قورال ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز. مەزكۇر ئىشلەپچىقىرىش ھەم دۆلەتلىرىمىزنىڭ ئارمىيەلىرى ھەم قىزىققان ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيەلىرىنى نىشان قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى - روسئوبورونېكسپورتنىڭ باشلىقى ئالېكسادېر مىخېيېۋ يېقىندا بايانات بېرىپ، شىركەتنىڭ 55 مىليارد دوللارلىق قورال ئېكسپورتىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر