دانىيە يۇقىرى سوتى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان تۆت كىشىنىڭ جازاسىنى جەزملەشتۈردى

دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د تەرەپدارى 4 كىشىنىڭ قاماق ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش جازالىرى يۇقىرى سوتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى.

1294018
دانىيە يۇقىرى سوتى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان تۆت كىشىنىڭ جازاسىنى جەزملەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2018 – يىلى مارتتا تۈركىيەنىڭ كوپېنھاگېندىكى ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د تەرەپدارى 4 كىشى، كوپېنھاگېن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ قاماق ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ شەرقىي يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغانىدى.

يۇقىرى سوت مەھكىمىسى گۇماندارلارنىڭ ئېتىرازىغا قاراپ چىقىپ، كوپېنھاگېن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ 19 ياش بىلەن 24 ياش ئارىسىدىكى 4 كىشىگە بەرگەن جازاسىنى جەزملەشتۈردى.

تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئامانلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەلىك 4 تەرەپدارى، 2018 – 19 – مارت سەھەردە تۈركىيەنىڭ كوپېنھاگىندىكى ئەلچىخانىسىغا ئاتەش توپى بىلەن ھۇجۇم قىلغان؛ ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەلچىخانا بىناسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانىدى.

ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان كوپېنھاگېن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى 20 – فېۋرالدا ھۆكۈمنامە ئېلان قىلىپ، گۇماندارلارنىڭ ئۈچىگە 1 يىل 9 ئايلىق، بىر گۇماندارغا بولسا بىر يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن ۋە گۇماندارلارنىڭ قاماق جازالىرى ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن دانىيە چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىغا قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر