فىرانسىيەدە «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا

فىرانسىيەدە دەسلەپتە يېقىلغۇ ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ ناچارلىقىغا قارشى باشلانغان، كېيىنچە پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرون ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا.

1291068
فىرانسىيەدە «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشلار 49 – ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندا پايتەخت پارىژ كوچىلىرىدا ۋەقە يۈز بەردى. تولوسې كوچىسىدا 300 دەك نامايىش قاتناشقان نامايىشتا شەھەر مەركىزىگە كىرمەكچى بولغان نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. كلېرمونت – فېرراند كوچىسىدىكى نامايىشتا ساقچىلارنىڭ ھەپتە ئىچىدە خىزمەت شارائىتىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى، ماكرون ۋە ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئارلار توۋلاندى. بوردېئاكس، لىللې ۋە ليون قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغىمۇ يۈزلەرچە كىشى قاتناشتى. فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ھەپتىلەردىكىدەكلا نامايىشلارغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ھەققىدە  مەلۇمات بەرمىدى.

«سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نىڭ نامايىشلىرى 2018 – يىلى 17 – نويابىر كۈنى باشلانغانىدى. نامايىشلاردا ھازىرغىچە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 4 مىڭ 245 تىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى، 12 مىڭ 107 كىشى قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر