ترامپ 50 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ئېھتىماللىقى بولغان رايوندا تۇرۇۋاتقان 50 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ رايوندىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1284084
ترامپ 50 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى
trump-erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سۈرىيە قارارى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشى كېرەك بولغاندىن ئۇزۇن تۇرۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەزكۇر رايوندا (سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۈركىيە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ئېھتىمالى بولغان رايون) 50 ئەسكەر بار ئىدى. بۇ ئەسكەرلەر رايوندىن ئايرىلدى» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى دائېشچىلارنى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلىلىرىنى ئۇزۇنغىچە قولىدا تۇتۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئىشىنىشىمىز لازىم. دائېشچىلارغا كۆز-قۇلاق بولۇشى ئۈچۈن ئىران، ئىراق، تۈركىيە، سۈرىيە، رۇسىيە ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەرگە ئىشىنىشىمىز لازىم» دېدى.

ئۇ سۈرىيە قارارى توغرىسىدا ھەربىي مەسئۇللارنىڭ ئۆزىگە قوشۇلۇپ-قوشۇلمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «كىشىلىرىمىزنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇپ كېلىشىمىز لازىم. ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلمايمىز، ساقچىلىق قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ يەنە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن يەكشەنبە (6-ئۆكتەبىر) كەچتە ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئەردوغانغا سۈرىيەدە ھەممە كىشىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.»

پىرېزىدېنت ترامپ، ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندىمۇ سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، سۈرىيە قارارىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «سۈرىيەدە ھېكىمگە يانباسمايمەن، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلىرىمىز بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر