خوڭكوڭلۇقلار نامايىش قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ئىيۇل ئېيىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار، كۈنلۈك ئىنقىلابىنىڭ بەشىنچى يىلىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدىمۇ داۋاملاشتى.

1278319
خوڭكوڭلۇقلار نامايىش قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
hong kong gosteriler1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىن 2 كۈن ئىلگىرى مىڭلارچە كىشى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزدى. ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي تارقىلىپ كەتمىگەن نامايىشچىلارغا ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى.

تارقىلىپ كەتكەن نامايىشچىلار ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي قايتىدىن توپلىنىپ يۈرۈشنى داۋاملاشتۇردى؛ كۆپ ساندا ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

خوڭكوڭ ساقچىلىرى، ئىيۇن ئېيىدىن بۇيانقى نامايىشلار جەريانىدا 1600 ئوقۇغۇچىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر