گۇتېررېس تۈركىيەگە كېلىدۇ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ئۆكتەبىر ئېيىدا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
1275824
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت دىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئانتونىئو گۇتېررېس 31 - ئۆكتەبىردە تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك ساھەسىدىكى ئالاھىدە پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىستانبۇل مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىكەن.