ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى ئىستېپا بەردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى جېيسىن گرېنبلات (Jason Greenblatt) نىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1264547
ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ: «ھۆكۈمىتىمىزدە تەخمىنەن ئۈچ يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن جېيسىن گرېنبلات ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدۇ ۋە خىزمەت ھاياتىنى خۇسۇسىي شىركەتلەردە داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئۇ جېيسىن گرېنبلات توغرىسىدا: «ساداقەتمەن ۋە ناھايىتى ياخشى دوست، قالتىس ئادۋوكات. ئۇنىڭ ئىسىرائىلىيەگە ۋە ئىسىرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق ئىزدىنىشلىرىگە ئۆزىنى ئاتىغانلىقى ئۇنتۇلمايدۇ، ئۇنى سېغىنىمىز. تەشەككۈرلەر جېيسىن» دېدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى جېيسىن گرېنبلات ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» دەپ ئاتالغان ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانى مۇساپىسىدە، كۇشنېرنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن ئاۋى بېركوۋىتز (Avi Berkowitz) بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىران ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى برايىن خۇك (Brian Hook) نىڭ ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خەلقئارا تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى جېيسىن گرېنبلات ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسىرائىلىيە بىلەن كۈندىلىك ئالاقىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان كىشى دەپ بىلىنەتتى. نىيۇ يوركتا نۇرغۇن يىل دونالد ترامپنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلغان جېيسىن گرېنبلات قارا رەڭلىك كىيىملىرى بىلەن دىققەت قوزغايدىغان يەھۇدىي ئائىلىلىدىن كەلگەن كىشى ئىدى.

جېيسىن گرېنبلات ئائىلىسىنىڭ ئىسىرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى بىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر