ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتېھانلاردىكى كەچۈرمىكەشلىكىنى توسۇش ئۈچۈن يېشىك كېيگۈزۈش چارىسى

مېكسىكادىكى بىر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتېھانلاردا كەچۈرمىكەشلىكىنى توسۇش ئۈچۈن باشلىرىغا يېشىك كېيگۈزگەنلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغىدى.

1263813
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتېھانلاردىكى كەچۈرمىكەشلىكىنى توسۇش ئۈچۈن يېشىك كېيگۈزۈش چارىسى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىلاكسىكالا ئۆلكىسىدىكى «Bachilleres 01 El Sabinal» مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىمتېھانلاردىكى كەچۈرمىكەشلىكنى توسۇش ئۈچۈن غەلىتە بىر چارىنى يولغا قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان كۆرۈنۈشلەردە رەتكە تىزىلىپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلىرىغا يېشىك كېيگۈزگەنلىكى دىققەت تارتتى.

مەكتەپ مۇدىرى لۇئىس جۇئارېز تېكىسىس كۆرۈنۈشلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى باياناتىدا، ئۇنىڭ ئىمتېھان ئەمەسلىكىنى ۋە پىخىئولوگىيەلىك بىر تەتقىقات ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۆڭۈللۈك بىر پائىالىيەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى بولسا، مەكتەپنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ خورلاش خاراكتېرىگە ئىگە ئىگەنلىكىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوتقا ئەرز سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر