ئامېرىكا ئىراندىكى ئۈچ شىركەتنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىراندىكى ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇۇلىنىدىغان ئۈچ شىركەتنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1263213
ئامېرىكا ئىراندىكى ئۈچ شىركەتنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىراندىكى ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇۇلىنىدىغان ئۈچ شىركەتنى «باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىشقا ھەسسە قوشۇش» بىلەن ئەيىبلەپ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراندىكى ئاسترونوتىك تەتقىقات ئىنستىتۇتى، ئىران ئالەم بوشلۇقى ئاگېنتلىقى ۋە ئىران ئالەم بوشلۇقى تەتىقات مەركىزى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى؛ باياناتتا، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىران ئالەم بوشلۇقى ئاگېنتلىقى ۋە باشقا ئىككى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنى سەزگۈر كېڭىيىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشتا رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ئىراننىڭ خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ئالەم بوشلۇقى ئاگېنىتلىقىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

 ئىراننىڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات خىزمەتلىرى دېگەن نام ئاستىدا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «بۇ ئېمبارگولار، ئىراننىڭ ئالەم بوشلۇقى پىلانىغا ھەسسە قوشۇپ، تېھراننىڭ يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرىشىغا ھەمدەم بولغان خەلقئارادىكى ئىلىم ئەھلىلىرى ئۈچۈنمۇ بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر