رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن تالىباننىڭ تىنچلىق سۆھبەتلىرى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزىئا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

1263709
رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن تالىباننىڭ تىنچلىق سۆھبەتلىرى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزىئا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «ئافغانىستاننىڭ باشلامچىلىقىدا تىنچلىق ئورنىتىلىشىنى خالايمىز. بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنسا قوللايمىز» دېدى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سېنتەبىر ئېيى نۆۋەتچى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزىئا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان توغرىسىدا كېڭەش ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستاننىڭ باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن تېررورچىلار ئېقىنىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان نېبېنزىئا، «بىزنىڭ ئافغانىستانغا ئالاقىدار بىر پىلانىمىز يوق. ئافغانىستان باشلامچىلىقىدا تىنچلىق ئورنىتىلىشىنى خالايمىز. بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنسا قوللايمىز» دېدى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن كۈچلۈك تەھدىت ئامىلى بولۇۋاتقان تالىبان تەشكىلاتى، ھازىرمۇ ئافغانىستاننىڭ خېلى كۆپ جايلىرىدا ھۆكۈم سۈرمەكتە.

ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئارىسىدىكى ئەڭ يېڭى سۆھبەتلەر، «ئافغانىستان زېمىنلىرىنىڭ، بولۇپمۇ تالىباننىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا بىخەتەر رايون بولۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بەدىلىگە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈلۈشى» نى رامكا قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر