ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافغانىستاندىن 5 مىڭ ئەسكىرىنى چېكىندۈرىدۇ

ئامېرىكا شەرتلەر ئورۇندالغان تەقدىردە ئافغانىستاندىن 5 مىڭ ئەسكىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1262924
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافغانىستاندىن 5 مىڭ ئەسكىرىنى چېكىندۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزاد، تالىبان بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرقى قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

زالماي خەلىلزاد ئافغانىستاندا تارقىتىش بېرىدىغان بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، تالىبان بىلەن يارىشىش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى، كېلىشىم تېكىستىنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ماقۇللۇقىغا سۇنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

كېلىشىم شەرتلىرى تەرتىپى بويىچە ئورۇندىلىدىغان بولسا، 135 كۈن ئىچىدە ئافغانىستاندىكى 5 بازىدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان خەلىلزاد، «تالىبان بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىمىزنىڭ روھىغا ئاساسەن، دەسلەپكى قەدەمدە ئافغانىستاندىكى 14 مىڭ ئەسكىرىمىزدىن 5 بازىدىن 5 مىڭ ئەسكىرىمىزنى چېكىندۈرىمىز» دېدى.

ئۇ، يەنە كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، دەسلەپكى قەدەمدە كابۇل ۋە پارۋان ۋىلايەتلىرىدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئازايتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

توققۇزىنچى قېتىم تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن قاتاردا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن زالماي خەلىلزاد، يەكشەنبە كۈنى كەچتە پايتەخت كابۇلغا بېرىپ، پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر