شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەرخىل ئاپەتلەردە ئۆلگەن ھىندىستانلىقلارنىڭ سانى 350 كە يەتتى

ھىندىستاننىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە شىددەتلىك يامغۇر پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتى، تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرى ۋە قازالاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 350 كە يەتتى.

1254406
شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەرخىل ئاپەتلەردە ئۆلگەن ھىندىستانلىقلارنىڭ سانى 350 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Press Trust of India» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاتتىق يامغۇرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان كېرالا، ماھاراشترا، ماديا پرادېش، راجاستان، ئاندرا پرادېش ۋە كارناتاكا ئۆلكىلىرىدە مەيدانغا كەلگەن سۇ ئاپىتى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە يەنە 17 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن جەمئىي ئۆلگەنلەر سانى 350 كە يەتكەن.

ئالاقىدار ئەمەلدارلار، ماھاراشترادا جەمئىي 56، كارناتاكادا 76 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى؛ 1519 ئۆي – ماكاننىڭ پايدىلانغىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، 20 مىڭ ئەتراپىدا ئۆي – ماكاننىڭ قىسمەن زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇلار يەنە، كارناتاكادا 992 دىن ئارتۇق مال – چارۋىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، 10 ئادەمنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

ئاخىرقى قېتىم ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 333 كە يەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر