خىتاي: جاممۇ كەشمىر مەسىلىسى ھىندىستاننىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى جاڭ جۇن ھىندىستاننىڭ 5 – ئاۋغۇستتا جاممۇ كەشمىرنىڭ ئالاھىدە رايونلۇق سالاھىيىتىگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن خاتىمە بېرىش قارارىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

1253937
خىتاي: جاممۇ كەشمىر مەسىلىسى ھىندىستاننىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن ھىندىستاننىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جاممۇ كەشمىرنىڭ ئالاھىدە رايونلۇق سالاھىيىتىگە خاتىمە بېرىش قارارىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە يىغىن چاقىردى.

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى جاڭ جۇن يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ھىندىستاننىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جاممۇ كەشمىرگە دائىر تاشلىغان قەدىمىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ قەدەمنىڭ جىددىيچىلىكلەرنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جاڭ جۇن جاممۇ كەشمىر مەسىلىسىنىڭ ھىندىستاننىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەسلىكىنى بەلكى خەلقئالىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىغا بىنائەن رايوننىڭ ئاخىرىقى رەسمىي سالاھىيىتى تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ھىندىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگىمۇ زىت كېلىدۇ. چېگرا رايونلاردا تىنچلىق ساقلىنىشىغا ئالاقىدار ئۆزئارا كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. ھىندىستاننىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاشلىغان بۇ قەدىمى خىتايغا نىسبەتەن ئىناۋەتسىزدۇر» دېدى.

پاكىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى مەلىھا لودىمۇ پاكىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر مەسلىسىنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىشتا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھىندىستاننىڭ «كەشمىر مەسىلىسى ئىچكى ئىشىمىزدۇر» دېگەن داۋاسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى جاممۇ كەشمىر يىغىنىنىڭ ئىناۋەتسىز ھالغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ھىندىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىي ۋەكىلى سەييىد ئەكبەرۇددىن بولسا، ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر قارارىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر