جاممۇ كەشمىر چېگراسىدا ئېتىشىش يۈز بەردى

پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى جاممۇ كەشمىر تەكشۈرۈش لىنيەسىدە چىققان ئېتىشىشتا بەش ھىندىستان ئەسكىرى، پاكىستاننىڭ ئۈچ ئەسكىرى ۋە ئىككى پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1253311
جاممۇ كەشمىر چېگراسىدا ئېتىشىش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، كەشمىر تەكشۈرۈش لىنيەسىگە جايلاشقان لېپا بازىرىدا ھىندىستان تەرەپنىڭ ئوق چىقىرىشىغا، پاكىستاننىڭ ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى ۋە چىققان ئېتىشىشلاردا بەش ھىندىستان ئەسكىرى، ئۈچ پاكىستان ئەسكىرى ۋە ئۈچ پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چېگرادىكى پونچ يېزىسىدىمۇ ھىندىستان تەرەپنىڭ پاكىستان تەرەپكە ئاتقان مېنامىيوت ئوقىدا ئىككى پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر