رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ قوللىغۇچىسى رۇسىيەنىڭ « سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» چېگرالىرى ئىچىدىكى ئولتۇراق مەھەللىلىرىنى قويۇق بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 3 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1252454
رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەرگە ئائىت ئايروپىلان كۆزىتىش ئورگىنى ۋە پۇقراۋى قوغدىنىش مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن كېچە سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن  بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ قوللىغۇچىسى رۇسىيەنىڭ «<ئىدلىب> سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» چېگرالىرى ئىچىدىكى ئولتۇراق مەھەللىلىرىنى قويۇق بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 3 بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە 2018 – يىلى 17 – سېنتەبىردىن بۇيان بەششار ئەسەد كۈچلىرى ۋەى قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ قىلىپ، ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 750 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى، بەششار ئەسەد كۈچلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ «<ئىدلىب> سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» دا 26 – ئاپرېلدىن 27 – ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 208 ى بالا، 140 ى ئايال بولۇپ، 781 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر