تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمى نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى
كامېرۇندا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدا 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1251595
![تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمى نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/1440/7d83/3e0e/5a8bdfe10719d.jpg?time=1718968154)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كامېرۇننىڭ يىراق شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان گومولدى رايونى ئاھالىسى قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەشكە تەييارلىنىۋاتقاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ موتسىكلىتلىق تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، يارىلانغانلار رايوندىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تېررورچىلار ئوق – دورىلارنى قولغا كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن.